Uyghur主要词典
ماددا مېتابولىزمى ۋە ئېنېرگىيە مېتابولزىمى
领域: بىئولوگىيەماددا مېتابولىزمى ئورگانىك ماددىلار (ئاقسىل، قەنت، ياغ، يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق) نىڭ جانلىقلار تېنىدە ھەزىم قىلىنىشى، ئايلىنىشى، چىقىرىپ تاشلىنىشى ۋە فىزىئولوگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خىمىيىۋى جەريانلار ھەم ئورگانىزملاردىكى بارلىق ئاسسىملىياتسىيە، دىسسىمىلياتسىيە روللىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىغا قارىتىلغان. ئورگانىزمدىكى مېخانىك ئېنېرگىيە، خىمىيىلىك ئېنېرگىيە، ئىسىقلىق ئېنېرگىيىسى، قاتارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئايلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئورگانىزمدا ماددا مېتابولىزمى بىلەن ئېنېرگىيە مېتابولىزمى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ماددا مېتابولىزمى بىلەن بىللە ئېنېرگىيىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بىر مول گلۇكوزا ئېچىتقۇ ھۈجەيرىسىدە ئېچىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى مول ئېتىل ئىسپىرت ۋە ئىككى مول كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارىلىقلىرىدا ئون نەچچە باسقۇچلۇق مېتابولىزم جەريانى بولۇپ، كۆپ قېتىم ئېنېرگىيە سۈمۈرۈلىدۇ ۋە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھاسىل بولغان 16 مىڭ كالورىيە ئەتراپىدىكى خىمىيىلىك ئېنېرگىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفاتلىق بىرىكمىدىكى خىمىيىلىك باغ ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ATP مولېكۇلىسىدا زاپاس ساقلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。