Uyghur←Chinese主要词典
ماداراچىلىق سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
绥靖政策
suí jìng zhèng cè
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، چىمبېرلىن ۋەكىللىك قىلغان ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئورۇنسىز يول قويۇش، چېكىنىش، مۇرەسسە قىلىش، ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش سىياسىتى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە غالجىرلارچە كېڭەيمىچىلىكم، تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەم زومىگەرلىك ئورنىغا ئېغىر ھالدا تەھدىت سالغان ۋە چېقىلغان. لېكىن ئاجىز ئورۇندا تۇرغان ئەنگلىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلار بىلەن توغرىدىن توغرا قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئەينى ھالەتنى ساقلاش، تىنچ - ئامان تۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تاجاۋۇزچىلار بىلەن مۇرەسسەلەشمەكچى بولۇپ، ياۋرۇپا مەسىلىسىنىڭ <ئومۇمىي ھەل قىلىنىشى> غا يەتمەكچى بولغان؛ شۇنداقلا فاشىستلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشقا قۇترىتىپ، ئاپەتنى شەرققە ئىتتىرىپ، ئارىدىن نەپ ئالماقچى بولغنا. 1938 - يىلى تۈزۈلگەن <مىيۇنخېن كېلىشىمى> ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ مادارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى. مادارچىلىق سىياسىتى فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى قاندۇرالمايلا قالماستىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن، نەتىجىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە ھەممىدىن ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپ، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.