Chinese→Uyghur主要词典
玛岱托亚
دۇنيا تارىخى
مادېتويا
(1887 - 1947)فىنلاندىيىلىك كومپوزىتور، دىرىژور. ئوئۇلۇدا تۇغۇلغان. خېلىسنكى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. سبېلئۇستىن مۇزىكا ئۆگەنگەن ھەم پارىژ ۋە ۋېناغا بېرىپ، داندىي ۋە فۇسلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. 1912 - 1916 - يىللىرى ئوركستېر دىرىژورى بولغان. 1916 - 1939 - يىللىرى خېلىسنكى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كۆپرەك ژۇرناللارغا مۇزىكا تەنقىدى ماقالىلەرنى يېزىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئوپېرا، بالىت، سىمفونىيە، خور، پىئانىنو، ئىسكىرىپكا مۇزىكىلىرىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار.