Uyghur←Chinese主要词典
ماچۇ پىچۇ
دۇنيا تارىخى
马丘皮丘
mǎ qiū pí qiū
(مەنىسى تاغ چوققىسىدىكى شەھەر قورغىنى). ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن قالغان خارابە. ئۇ پرودىكى كۇسكۇنىڭ غەربىي - شىمالىغا 70 كىلومېتر كېلىدىغان، دېڭىز يۈزىدىن 2743 مېتىر ئېگىز تاققا جايلاشقان. ئۇنى 1911 - يىلى ئامېرىكىلىق خىرام بىنھام (1875 - 1956) تاپقان. خارابە تاش بىلەن ياسالغان مۇھىم ئۆتكەل شەكىلدىكى قۇرۇلۇش تۈركۈمى بولۇپ، شەرقىي، غەربىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرى تىك يار، جەنۇبىي تەرەپتە ئىككى مۇداپىئە سېپىلى بار. مۇداپىئە سېپىلى ئارىلىقىدا پەلەمپەت ئېتىزلار بولۇپ، ئىچكىرىكى سېپىل ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئېگىز مۇنار، خان قەبرىسى، سۇ ئۈزۈش مەيدانى، مۇقەددەس تاش، تاش بىلەن ياسالغان ئۆيلەردىن تەركىپ تاپقان. دىنى رايون ۋە تاشتىن قوپۇرۇلغان قوپالراق تۇرار جاي رايونى بار ئىدى. بۇ يەردىن 173 دانە موميا قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 150 ئايالنىڭ مومياسى ئىدى. ھازىر ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، تاملىرى يەنىلا ساق تۇرماقتا. بەزىلىرى ئۇنى ئىنكالىقلارنىڭ گۈللەنگە چاغدىكى بازىسى دېسە، يەنە بەزىلەر ئىسپانىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئىنكا پادىشاھى جەمەتىدىكىلەر ئۆزىنى يوشۇرغان جاي دېيىشمەكتە.