Uyghur←Chinese主要词典
ماچىلار
دۇنيا تارىخى
町丁
dīng dīng
ياپونىيىنىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدە شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان سودا - سانائەتچىلەر. كاماكۇرا مەزگىلىدە كيوتو، كاماكۇرا قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان دۇكاندارلار بارلىققا كەلگەن. يىغىلىق دەۋرىدە، كيوتو قاتارلىق جايلاردا <ماچىلار> بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇلار سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى ھېسابلىناتتى. ئازۇچى موموياما مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۇلار بىر سىنىپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ئەسكەرلەر ۋە دېھقانلارنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن سامورايلار شەھەرلەرگە كېلىپ توپلىنىپ ئولتۇراقلاشقان. تاۋار ئوبۇرۇتى راۋاجلانغان. يايمىچى ماچىلار، رەستە ماچىلىرى، پورت - پرىستان ماچىلىرى قاتارلىق سودا - سانائەتچىلەر كۆپىيىپ بارغان. ئېدو دەۋرىدە، ئېدو، ئوساكا ۋە ھەرقايسى جايلاردا تاۋار ئوبوروت تۈرلىرى شەكىللەنگەن. <ياساۋۇل، دېھقان، سودا - سانائەتچىلەر> نىڭ سالاھىيەت بەلگىلىمىسىدە، ئۇلارنىڭ ئورنى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ماچىلار تەئەللۇقاتلىقلار (ياكى پومېشچىكلار) بىلەن دۇكان ئارىيەت ئالغۇچىلار، يەر - ئىجارىگە ئالغۇچىلارغا بۆلۈنگەن. ئالدىنقىلارنىڭ ئۆي - ئىمارەتلىرى بولۇپ، ماچىلار مەمۇرىيىتىگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <تويا> (ئۈلگۈجە سودا) ۋە <كابوناكاما> (كەسىپداشلار تەشكىلاتى) بارلىققا كەلگەن. بەزى باي سودىگەرلەر شوگناتىنىڭ ياكى تۆرىلەرنىڭ ياكى تۆرىلەرنىڭ مەخسۇس سودىگىرىگە ئايلانغان، بەزىلىرى پەرزەنتلىرىنى سامورايلارغا ئاسراندىلىققا بېرىپ، سامورايلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋالغان. باي سودىگەرلەر كۆپىنچە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.