Uyghur←Chinese主要词典
لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
里昂工人起义
lǐ áng gōng rén qǐ yì
فرانسىيىدە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىككى قېتىملىق ئىشچىلار قوزغىلىڭى. (1) 1831 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەركىزى بولغان لېئاندىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نامايىش قىلغان، نامايىش قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭغا ئايلانغان. قوزغىلاڭچىلار <ئىشلەپ ياشىيالمىغاندىن كۆرە، جەڭ قىلىپ ئۆلگەن ئەۋزەل> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇغا قويغان. 23 - كۈنى پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلغان، بىراق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالالمىغان. 21 - ئاينىڭ 1 - 3 - كۈنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىرتتىن يۆتكەپ كەلگەن قوشۇنى لېئون شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكتىن، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. ئېنگلېس بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى <تۇنجى ئىشچىلار قوزغىلىڭى> دەپ ھېسابلىغان. (2) 1834 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى لېئان ئىشچىلىرى بىلەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىزمچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشىنى مەنئىي قىلش پەرمانىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىش تاشلاشقا رەھبەرلىك قىلغان يولباشچىلىرىنى قۇتقۇزىۋېلىش يۈزىسىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ قېتىمقى كۈرەشكە <كىشىلىك ھوقۇقى ۋەپۇقرالىق ھوقۇقى ئۇيۇشمىسى> نىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. كوچا جېڭى ئالتە كۈن داۋام قىلىپ 15 - كۈنى باستۇرۇلغان.