Chinese→Uyghur主要词典
路易十六
دۇنيا تارىخى
لۇئى ⅥⅩ
(1754 - 1793)، فرانسىيە كورۇلى (1774 - 1792). لۇئى ⅤⅩ نىڭ نەۋرىسى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا، فرانسىيىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىس ئېغىرلاشقان. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تۇرگوت، نېككېر قاتارلىقلارنى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەپ، مالىيە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1789 - يىلى 5 - ئايدا ئۈزۈۈلۈپ قالغىنىغا 175 يىل بولغان ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى ئېچىشقا مەجبور بولغان. پارىژ خەلقنىڭ 14 - ئىيۇل قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، 10 - ئايدا ئوردىنى ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈرۈپ كىرىشكە مەجبور بولغان. ئەمما <ئاۋغۇست پەرمانى> ۋە <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى> نى تەستىقلاشنى رەت قىلغان ھەمدە <مىسسىئونېر، پۇقرالار تەشكىلىي قانۇنى> غا قارشى تۇرغان. 1791 - يىل 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گىرىم قىلىپ سىرتقا قاچقان بولسىمۇ، ۋارېننېستا تۇتۇۋېلىنغان. 9 - ئايدا <1791 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>نى تەستىقلاپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى دەپ ئاتىلىپ، يېڭىۋاشتىن ھوقۇق تۇتقان. 1792 - يىلى 4 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈگۈچى پارلامېنت ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا، تاشقى دۈشمەنلەر ۋە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 10 - ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشما پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فرانسىيە 1 - جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.