Chinese→Uyghur主要词典
路易.波拿巴政变
دۇنيا تارىخى
لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى
فرانسىيىدىكى لۇئى بوناپارت ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيەنى قۇرغان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1849 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېچىلغان قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى يولغا قويغان ئەكسىيەتچىل سىياسەت سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. لۇئى بوناپارت ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، 1851 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - 2 - كۈنلىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ بوربون ئوردىسىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنى قولغا ئالغان ھەمدە پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەنلىكى، ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىشنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 3 - 4 - كۈنلىرى ۋېكتور ھيۇگو باشچىلىقدىكى سولچى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. 14 - 21 - كۈنلىرى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بەرگەن. نەتىجىدە كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قانۇنىي تون ياپقان. 1852 - يىل 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان، 12 - ئاينىڭ 2 ـ كۈنى لۇئى بۇناپارت ئىمپېراتور تاجىنى كىيىپ، ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى رەسمىي قۇرغان. فرانسىيەنىڭ 1848 - يىلى ئىنقىلابىي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ماركىس شۇنىڭ ئۈچۈن <لۇئى بوناپارتنىڭ تۇمانلىق ئېيىنىڭ ئون سەككىزى> دېگەن ئەسىرىنى يازغان.