Uyghur←Chinese主要词典
لۇئى فىلىپ
دۇنيا تارىخى
路易.菲力甫
lù yì .fēi lì fǔ
(1773 - 1850)، فرانسىيە كورۇلى (1830 - 1848). ئورلىئان كىنەزى لۇئى فىلىپ يوسېف (فىلىپ باراۋەر) نىڭ ئوغلى، دەسلەپ ۋالوۋا كىنەزى دەپ، كېيىن شاتې كىنەزى دەپ ئاتالغان. 1789 - يىلى دادىسىغا ئەگىشىپ ئىنقىلابنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن. 1790 - يىلى ياكوبىن كۇلۇبىغا ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسگە قاتناشقان ھەمدە شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ۋالمى جېڭىدە ۋە جېمماپېس جېڭى قاتارلىقلارغا قاتناشقان. 1793 - يىلى فرانسىيەنىڭ شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دوموئۇرىئېز بىلەن بىرلىكتە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاۋسترىيىگە تەسلىم بولغان، ئۇنىڭ دادىسى دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئېتىلغان. كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ شۋېتسارىيە ۋە ئامېرىكادا قاچاق بولۇپ تۇرغان. 1800 - يىلى ياۋۇرپاغا قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە ۋە سىتسىليە ئارىلىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلكى ۋە تۆلەم پۇلىنى ئالغان، ئەمما بوربون پادىشاھ جەمەتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك يارىشىشقا ئامال قىلالمىغان. 1830 - يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىدىن لافايېتتى قاتارلىقلار ئۇنى يۆلەپ پادىشاھ تەختىگە چىقارغان؛ 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆزگەرتىلگەن ئاساسىي نىزامغا ئاساسەن، فرانسىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى دەپ ئېلان قىلىنغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە پارىژ جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭىنى، لېئون ئىشچىلىرىنىڭ 1831 - يىلى ۋە 1834 - يىلدىكى قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان؛ بوربون پادىشاھ جەمەتىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە لۇئى بوناپارت پىلانلىغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلۇپ، ئەنگلىيگە قېچىپ كەتكەن.