Uyghur←Chinese主要词典
لۇئاڭ پراباڭ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
锒勃拉邦国
láng bó lā bāng guó
1707 - يىلى لائۇستىكى لانشاڭ پارچىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت. پايتەختى لۇئاڭ پراباڭ. دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزراق، جەنۇبتىكى ۋېنتيەن دۆلىتى بىلەن پات - پات ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئىلگىرى - كېيىن بۇلۇپ كۈچلۈك بولغان قوشنىسى بىرما ۋە سىئام (ھازىرقى تايلاند) غا بېقىنغان. جۇڭگودىكى چىڭ سۇلالىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1885 - يىلى سىئامغا قوشۇلغان. 1893 - يىلى فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان.