Uyghur←Chinese主要词典
لۇسىئېن
دۇنيا تارىخى
吕西安.波拿巴
lǚ xī ān .bō ná bā
(1775 - 1840) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، ناپولېئوننىڭ چوڭ ئىنىسى. كورىسكا ئىچكى ئۇرۇشىدا ناپولېئون قاتارلىقلار بىلەن بىللە فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا ياكۇبىنچىلارنىڭ پائالىيىتىنى قوللىغان. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان. 1797 - يىلى كورىسكا ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن، 500 كىشىلىك پالاتاغا كىرگەن. 1799 - يىلى 11 - ئايدا، 500 كىشىلىك پالاتانىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن ناپولېئوننىڭ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىشىغا ياردەم بەرگەن. ئىجرائىي ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى، مادرىدتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. كېيىن سىياىي كۆز قاراش ۋە نىكاھ مەسىلىسىدە ناپولېئون بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىن ئايرىلغان. قالغان ئۆمرىنى ئاساسەن ئىتالىيىدە ئۆتكۈزگەن. <100 كۈنلۈك خاندانلىقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى> ناملىق ئەسىرى ۋە ئەسلىمىلىرى بار.