Uyghur←Chinese主要词典
لۇسۇن دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
吕宋国
lǚ sòng guó
فىلىپپىندىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى لۇسۇن ئارىلىدىكى مانىلا ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. 1372 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى خۇڭۋۇنىڭ 5 - يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1405 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېننىڭ 3 - يىلى) مىڭ سۇلالىسى ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتكەن. 1410 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېننىڭ 8 - يىلى) يەنە مىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا - سالام يوللىغان. جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەردىن بۇ يەرگە بارغانلار ناھايىتى كۆپ. ⅥⅩ ئەسىردە ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان. 1570 - يىلى، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى مانىلاغا ھۇجۇم قىلغاندا راجان (پادىشاھ دېگەن مەنىدە) سۇلايمان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئىككىنچى يىلى، سۇلايمان قۇربان بولۇپ، مانىلا قولدىن كېتىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا يەنىلا <لۇسۇن> دەپ ئاتالغان.