Chinese→Uyghur主要词典
鲁什涅代表大会
دۇنيا تارىخى
لۇشنيا قۇرۇلتىيى
1920 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەلىرى لۇشنيادا ئاچقان مىللىي قۇرۇلتاي. 50 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلتاي پارىژ سۈلھ يىغىنىنىڭ 1919 - يىل 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى ئالبانىيىنى پارچىلىغان ھەمدە ئۇنى ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ قويغان مېموراندومغا قارشى تۇرغان؛ خەلققە ئاسيىلىق قىلغان دۇررېس ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى مىللىي ھۆكۈمەت ۋە ئالىي كېڭەش تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان؛ يېڭى نىزامنامە ماقۇللاپ، 1913 - يىلىدىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا تەستىقلانغان جاھانگىر كۈچلۈك دۆلەتلەر ئالبانىيىنى قۇل قىلغان ۋە چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان نىزامنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ قۇرۇلتاي دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا نىسبەتەن، ئاكتىپ رول ئوينىغان.