Chinese→Uyghur主要词典
落叶阔叶林
بىئولوگىيە
يوپۇرماق تاشلايدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان
<يازدا كۆكلەيدىغان ئورمان> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۆتىدىل بەلباغ رايونىدىكى دېڭىز - ئوكيان خۇسۇسىيىتىدىكى ھاۋا كىلىماتتا ئۆسىدىغان تىپىك ياغاچ غوللۇق تۈركۈم. بۇ خىل ئورمان تارقىلىدىغان رايونلاردىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تۆت پەسىل روشەن ئايرىلغان، ياز پەسلى ئىسسىق ھەم يامغۇر كۆپ، قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى بىرئاز نېپىز، قاتتىقلاشمىغان، تۈكچىلىرى يوق، رەڭگى ئوچۇق يېشىل بولىدۇ. قىش پەسلىدە يوپۇرمىقى تولۇق چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە يېڭى يوپۇرماق چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تۈركۈمنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە روشەن دەرىجىدە پەسىل ئۆزگىرىشى بولىدۇ. ئورمان قەۋەت تۈزۈلۈشى بىرئاز ئاددىي بولۇپ، ئادەتتە بىر ياكى ئىككى قەۋەت، بىر ياكى بىرقانچە خىل دەرەختىن تۈزۈلىدۇ. ئورمان تاجىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ياز پەسلىدە بىر يېشىل تۈزلەڭلىككە ئوخشايدۇ؛ دەرەخ قەۋىتى ئاستىدە بىر چاتقال قەۋىتى ۋە 1 - 2 سامان غوللۇق قەۋەت بولىدۇ. سامان غوللۇق قەۋەتنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىرىشى روشەن بولىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى يوپۇرماق تاشلايدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان تارقالغان تىپىك رايونلاردىن ئىبارەت. بۇ ئورمانلىقلار دۇپ ئۇرۇقدىشىدىكى دەرەخلەرنى ئاساس، باشقىلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن لىپا دەرەخ ئۇرۇقدىشى، زەرەڭ دەرەخ ئۇرۇقدىشى، قىيىن ئۇرۇقدىشى، تېرەك قاتارلىقلار بار.
ئۆسۈملۈك
luò yè kuò yè lín
يوپۇرماق تاشلىغۇچى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان