Chinese→Uyghur主要词典
罗退尔二世
دۇنيا تارىخى
لوتار Ⅱ
(تەخمىنەن 1075 - 1371) لوتار Ⅲ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1125 - 1137؛ 1133 - يىلى تاج كىيگەن). ئەسلى ساكسونىيە گېرتسوگى (1106 - يىلدىن باشلاپ) ئىدى. كورۇل ھىنرىخ Ⅴ كە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ھىنرىخ ئۆلگەندىن كېيىن چېركاۋا فېئوداللىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1321 - 1133 - يىللىرى ۋە 1136 - 1137 - يىللىرى ئىتالىيىگە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، رىم پاپسى ئىنتوكېنىتىي Ⅱنى قوللاپ، سىتسىلىيىنى ئىگىلەپ تۇرغان نورمانلارغا قارشى تۇرغان. 1134 - يىلى شىمالىي ماركنى سۇيۇرغال سۈپىتىدە چوڭ فېئودال ئالبرېختقا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن.