Chinese→Uyghur主要词典
洛奇
دۇنيا تارىخى
لودگې
(1850 - 1924) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. 1871 - ۋە 1874 - يىللىرى ئىككى قېتىم خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات بولغان. 1873 - 1876 - يىللىرى <شىمالىي ئامېرىكا ئوبزورى> نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، كېيىن، خارۋارد داشۆسىنىڭ ئامېرىكا تارىخى لېكتورى ۋە <خەلقئارا ئوبزور> نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1887 - 1898 - يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەملىكەت ئىچىدە <شېماننىڭ تىرېستقا قارشى قانۇنى> نى تۈزۈشكە ياردەملىشپ، سودا سىياسىتنى ھىمايە قىلىشقا كۈچەپ، ھەركىم خالىغانچە كۈمۈش پۇلى ياساشقا قارشى تۇرغان. مەملىكەت سىرتىدا، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قوللاپ، ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانل ياساشنى ھەمدە فىلىپپىن بىلەن كۇبانى بېسىۋېلىشنى قۇۋۋەتلىگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ داھىيىسى ۋە دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، يېتىمچىلەر ۋەكىللىرىدىن بىرى. <ۋېرسال ئەھدىنامىسى>نى تەستىقلاشقا ۋە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. <ھامىلتون>، <ۋېبوست>، <ۋاشىنگتون> قاتارلىق بىئوگرافىيە ئەسەرلىرى بار.