Chinese→Uyghur主要词典
洛美协定
دۇنيا تارىخى
لومى كېلىشىمى
تولۇق ئاتىلىشى <ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئافرىقا، كارىب ۋە تىنچ ئوكيان (دۆلەتلىرى) لومې كېلىشىمى>. ئافرىقا، كارىب ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ياۋرۇپا ئىقىتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىقتىسادىي ۋە سودا كېلىشىمى. بىرىنچى قېتىملىق <لومې كېلىشىمى> 1975 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى توگونىڭ پايتەختى لومېدا ئىمزالانغان بولۇپ، مۇددىتى بەش يىل بولغان، ئۇنىڭغا 46 تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت قاتناشقان. ئاساسىي مەزمونى: ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئۆز ئارا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، 46 دۆلەتنىڭ بارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە 96 پىرسەنت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ (باج كۈچۈرۈم قىلىنغان، مىقدارى چەكلەنمەيدىغان ئاساستا) غەربىي ياۋرۇپا ئورتاق بازىرىغا ئىختىيارىي كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا قوشۇلىدۇ؛ بازارغا كىرگۈزۈلگەن 46 دۆلەتنىڭ 12 خىل ئاساسلىق مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە، ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئېكسپورت قىلغان دۆلەتنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ؛ مالىيە تېخنىكىسى ۋە سانائەتتىكى ھەمكارلىق جەھەتتە؛ ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بۇ دۆلەتلەرنى ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئىككىنچى قېتىملىق <لومې كېلىشىمى> 1979 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىمزالانغان، ئۇنىڭغا تەرەققىي قىلىۋاتقان 57 دۆلەت قاتناشقان. مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، 1985 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدا بىرىنچى قېتىملىق لومې كېلىشىمىدىكى مەزمونلارغا بەزى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەھلىكىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىي تېپىشى تۈپەيلىدىن بۇ كېلىشىم جانىجان پايدا - زىيان مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەپ، ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغان، سودا ھەمكارلىق جەھەتتە ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئورتاق بازار ئېچىش؛ ئافرىقا، كارىب، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت كىرىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىش ياكى مەھسۇلات مىقدارى كەملەپ كېتىش تۈپەيلىدىن زىيان كۆرۈلسە، زىياننى بەلگىلىك تۆلەپ بېرىش؛ مالىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە، ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئافرىقا، كارىب، تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمىنى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.