Chinese→Uyghur主要词典
罗马尼亚一八四八年革命
دۇنيا تارىخى
رومىنىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى
رومىنىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىك، بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1848-يىلى، ترانسىلۋانىيىگە قېچىپ كەتكەن مولدوۋا ئىنقىلابچىلىرى پارىژ، ۋېنا، بوداپېشت قاتارلىق جايلاردىكى ئىنقىلابچىلىرى پارىژ، ۋېنا، بوداپېشت قاتارلىق جايلاردىكى ئىنقىلابنى تەسىرى ئاستىدا، <بىزنىڭ ۋەتەننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىكى پرىنسىپىمىز> دېگەن ئىنقىلابىي پروگراممىنى تەييارلاپ، فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىش، يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش، تەبىقە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىش، مولدوۋا بىلەن ۋالاخىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغاقويغان.شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇخارېستتا ئىنقىلاب پارتلىغان. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىنەز گېئورگىي بىبېسكۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەتىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلىنىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش سۇيىقەستى تارمار قىلىنغان. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە ئارمىيىسى گېئورگېئو ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىنقىلابقا قوراللىق ئارىلاشقان. 7-ئينىڭ ئاخىرىدا مۇرەسسەچىلەر تەپتىش ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. 9 تارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەر قولغا ئېلىنغان. تۈركىيە ئارمىيىسى بۇخارېستقا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 6-ئايدىلا پرۇت دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ مونتېنىيىگە يېتىپ بارغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا تۈركىيە بىلەن روسىيە <بالتا - لىمان كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، مولدوۋا ۋە ۋالاخىيە كىنەزىنى ئايرىم - ئايرىم تەيىنلىگەن. شۇ يىلى 8-ئايدا تەسلىم بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار سىرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئىنقىلاب ئاخىرى مەغلۇپ بولغان.