Chinese→Uyghur主要词典
罗马历史源流考
دۇنيا تارىخى
رىم تارىخىنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىشى ئۈستىدە تەتقىقات
<كېلىپ چىقىش مەنبەسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كىتاب نامى. قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە يازغۇچىسى چوڭ كاتو يازغان ئەسەر. جەمئىي يەتتە توم. بۇ كىتاب يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت باشقا كلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ تومىدا رىم ۋە باشقا ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى بايان قىلىنغان، كېيىنكى تۆت تومىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق پۇنىي ئۇرۇشىنىڭ جەريانى ۋە يازغۇچىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىشلىرى بايان قىلىنغان. كىتابتا ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلىرى كۆپ. يازغۇچى بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئالدىنقى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىتاب قەدىمكى رىمنىڭ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى تارىخى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.