Chinese→Uyghur主要词典
罗迦
دۇنيا تارىخى
چاراكا
قەدىمكى ھىندىستانلىق تېببىي ئالىم. ئېيتىلىشىچە كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كانىشكا (مىلادى Ⅱ ئەسىردە) نىڭ ئوردا تېۋىپى بولغان. ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن سەككىز قىسىملىق <چاراكا ئەسەرلىرى توپلىمى> دا ھەرخىل كېسەللىكلەر ۋە تېببىي دورىلار، پاتالوگىيە، ئاناتومىيە، ئىمبىرىئولوگىيە قاتارلىق تېببىي مەسىلىلەر كەڭ بايان قىلىنغان. تەن - سالامەتلىكنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى ئوزۇقلىنىش، ئۇخلاش ۋە نەپسىنى تارتىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ كىتاب مىلادى ⅤⅢ ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، كېيىن يەنە ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇلغان، خېلى تەسىرى بار.