Chinese→Uyghur主要词典
洛本古拉
دۇنيا تارىخى
لوبېنگۇلا
(تەخمىنەن 1836 - 1894) ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ماتا بىلىي خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1820 - 1894)، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرەشنىڭ داھىيىسى. 1870 - يىلى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ پادىشاھ بولغان. گۇبۇلاۋايونى پايتەخت قىلغان. ياۋرۇپا سودىگەرلىرى، مىسسئۇنېرلىرى ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان. 1888 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتى بىلەن كان ئېچىش ھوقۇقى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىجارىگە بېرىش شەرتنامىسىنى تۈزگەن. 1893 - يىلى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلغان، كېيىنكى يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.