Chinese→Uyghur主要词典
伦丁尼姆
دۇنيا تارىخى
لوندىنئۇم
ئەنگلىيەنىڭ قەدىمكى شەھىرى، ھازىرقى لوندون. دەسلىپىدە تېمزا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا سېلىنغان. كېيىن شىمالىي قىرغىقىغا كېڭەيتىلگەن. كائېسار برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 55 - 54) دە، بۇ شەھەر پۈتكەنىدى (كائېسار بۇ شەھەرنى تىلغا ئالمىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ شەھەر ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈش يولىدا ئەمەس ئىكەن). مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى (نېرو تەختتىكى مەزگىلىدە) دا خېلى گۈللەنگەن. سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولاي بولغانلىقتىن، رىم سودىگەرلىرى دائىم بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىشقان. رىم مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ زورلۇق - زۇمبۇلۇقلىرى يەرلىك <ئايال پادىشاھ> بۇدىكا باشچىلىقدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (62). رىم ئەمەلداراى سۇئېتونى پالىن لوندىنئۇمدىن چېكىنپ چىققاندا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كېيىن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قايتىدىن گۈللەنەەن. Ⅳ ئەسىردە (كونىستانتىن ياكى تېئودوس ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلى)، شەھەر سېپىللىرى تېخىمۇ تۈزەشتۈرۈلۈپ، خەندەكلەر چوڭقۇرلىتىلىپ، قورغانلار ئېگىزلىتىلىپ، تەرەپ - تەرەپلەرگە يوللار ئېلىنىپ، برىتانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونلىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپ، ئاۋگۇستا دەپ نام ئالغان.