Uyghur←Chinese主要词典
لۇناچارىسكىي
دۇنيا تارىخى
卢那察尔斯基
lú nà chá ěr sī jī
(1875 - 1933) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئوبزورچى، يازغۇچى. پولتاۋادىكى چوڭ تۆرە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماركسزمنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1898 - يىلى موسكۋادا ئىنقىلابىي پائالىيەتكە قاتناشقان. كېيىنكى يىلى قولغا ئېلىنىپ، سۈرگەن قىلىنغان. لېنىن رەھبەرلىكىدىكى <ئالغا>، <پرولېتارلار> ۋە <يېڭى ھايات> گېزىتلىرىنىڭ تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بولشىۋىكلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 2 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شتۇتگارت ۋە كوپېنھاگېن قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشقان. سىتولپىن ئەكسىيەتچىلىكى دەۋرىدە بولشېۋىكلارغا قارشى <ئالغا> گېزىتى گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، ماخچىلىقنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابدىن كېيىن <رايون بىرلەشمىچىلىرى>گە قاتناشقان. يەنە شۇ گورۇھ بىلەن بىللە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت روسىيىسى مائارىپ خەلق كومىسسارلىقىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1933 - يىلى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئەدبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، درامىچىلىققا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان.