Uyghur主要词典
لۇلياڭدىكى زور غەلىبە
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ رىنچىن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا چاۋشيەن - جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىلىرى بىرلىشىپ ياپونىيە فلوتىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان مۇھىم دېڭىز ئۇرۇشى. 1598 - يىلى (چاۋشيەن شۋەنزۇڭ 31 - يىلى، ياپونىيە چىڭچاڭنىڭ 3 - يىلى، مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 26 - يىلى) ياپونيىنىڭ چاۋشيەنگە قارشى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. تويوتومى خىدېچىكى ئۆلۈش ئالدىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كەتكەن. ياپونىيە سانغۇنى كونىشى يوكىناگا سىچۇەن، نەنخەي، گوچىڭ قاتارلىق جايلاردىكى كېمە - پاراخوتلاردىن 500 نەچچىنى يۆتكەپ، ۋۇيىشەن، سىچۇەن، شونتيەن قاتارلىق جايلاردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ چېكىنىشىنى قوغدىغان. 11 - ئاينىڭ 81 - كۈنى لى شۇنچىن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەردارى چېن لىننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى چاۋشيەنگە ياردەم بەرگۈچى دېڭىز ئارمىيسى بىلەن بىللە لۇلياڭ (چىڭشاڭ نەنداۋ ئۆلكىسىنىڭ نەنخەي ۋىلايىتىدىكى شۆچۈەنميەن) دېڭىز يۈزىدە ياپونىيە فلوتى بىلەن جەڭ قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. لى شۇنچېن ۋە مىڭ سۇلالىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم سەردارى دېڭ زىلۇڭ جىددىي جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.