Chinese→Uyghur主要词典
卢克莱修
دۇنيا تارىخى
لۇكرېتئوس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 98 - 54) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى پەيلاسوپ ۋە شائىر. ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇمات ناھايىتى كەم. رىتسار ئائىلىسىدە كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. <شەيئىلەرنىڭ خاراكتىرى توغرىسىدا> (ئالتە توم) دېگەن داستان ژانىرىدا يېزىلغان ئەسىرىدە ئېپكوروسنىڭ ماتېرىيالسىتىك تەلىماتىنى بايان قىلغان. بۇ ئەسەردىن ئۇنىڭ چوڭ ئادۋوكات (مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى) مېمىئۇسقا بېغىشلانغانلىقى مەلۇم. ئاساسلىقى يۇنان پەيلاسوپى دېموكرىت بىلەن ئېپكوروسلارنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى كۆز قارشى بايان قىلىنغان بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھادىسىلەرنى ئىلاھ ياراتقان ئەمەس، شۇنداقلا ئىلاھنىڭ باشقۇرۇشىدىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار بىردىنبىر ھەقىقىي ماددا يەنى بۆلۈنمەس ئاتوملاردىن تەركىپ تاپقان، دەپ قارىغان. ئادەمنىڭ <روھى> مۇ خۇددى ئۇنىڭ تېنىگە ئوخشاشلا ئاتوملاردىن قۇرۇلغان؛ تەن ئۆلگەنىكەن، ئادەمنىڭ <روھى> مۇ ئۆلىدۇ، شۇڭا ئادەملەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ۋەھىمىدىن ئەنسىرمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، تۇيغۇ بىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرلەش مەزىرىسنى سىزىپ چىقىپ، خۇسۇسىيلىققا بولغان ئاچكۆزلەرچە ئىنتىلىش - كىشىلىك دۇنياسىدىكى جىنايەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. <ماددىنىڭ خاراكتىرى توغرىسىدا> نىڭ قەدىمكى زامان پەلسەپە تارىخىدىكى قىممىتى، ئاتېئىزم ئارقىلىق كىشىلەرنى دىنىي خۇراپاتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن ئاڭلىق تۈردە قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلغانلىقىدا. بۇ ئەسەر كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئېپكوروس پەلسەپىسىنى چۈشىنىشىدىمۇ مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر لۇكرېتئۇس ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تىسسېرو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.