Uyghur←Chinese主要词典
لۇكا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
路卡会议
lù kǎ huì yì
قەدىمكى رىمنىڭ ئالدىنقى <ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى> مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىن. مىلادىدىن 56 - يىل ئىلگىرى ئېترۇردىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لۇكادا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى <ئۈچ كاتتىباش> ئارىسىدىكى ھوقۇق زىددىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. يىغىنغا كائېسار، پومپېئىي، كراسۇدىن ئىبارەت <ئۈچ كاتتىباش> ۋە زور تۈركۈم مۆتىۋەرلەر ۋە باشقا ھوقۇقلۇق كىشىلەر قاتناشقان. يىغىندا: كائېسار ئۆزىنىڭ ئىچكى گاللىيە باش ۋالىيلىق ۋازىپىسىنى داۋاملىق يەنە بەش يىل ئۆتەيدىغانلىقى؛ پومپېئىي بىلەن كراسۇ كېيىنكى يىللىق (مىلادىدىن 55 - يىل ئىلگىرى) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدار (كونسۇل) بولىدىغانلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پومپېئىينىڭ ئىسپانىيىگە، كراسۇنىڭ سۈرىيىگە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. بۇ كېلىشىم <ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى> نىڭ ئارازلىقىنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەن.