Uyghur←Chinese主要词典
لۇجژ ۋېي
پسىخولوگىيە
陆志韦
lù zhì wéi
(1894-1970) بۇ جۇڭگولۇق تىلشۇناس، پىسخولوگ. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان. نەنجىن ئالىي سىفەن مەكتىپىدە، دۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدە پىروفېسسورلۇق قىلغان، يەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا مۇدىر بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو پىسخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، سىياسىي كېڭەش 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى. جۇڭگو يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ ئۆمۈر بويى پىسخولوگىيە، خەنزۇ تىلى فونىتىكىسى ۋە گىرامماتىكىسى ۋە گىراماتىكىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شوغۇللانغان. ئۇنىڭ « جۇڭگو بالىلىرىنىڭ چەكسىز ئاسسوتسىئاتسىيىسى »، « مائارىپ پىسخولوگىيىسى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە »، « قەدىمكى تاۋۇشلار ھەققىدە قىسقىچە سۆز » قاتارلىق كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالىلىرى بار.