Uyghur←Chinese主要词典
لۇگگارۇ ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
洛迦诺公约
luò jiā nuò gōng yuē
يەنى: <لۇگگارۇ كاپالەتلىك ئەھدىنامىسى>. 1925 - 01 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، چېخوسلوۋاكىيە، پولشا قاتارلىق يەتتە ۋەكىللىرى شۋېتسارىيىنىڭ لۇگگارۇ يىغىنىدا ماقۇللىغان، شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ئىمزالانغان. ئەھدىنامە ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) لۇگگارۇ يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كېلىشىمى؛ (2) گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ئىمزالىغان <رېين خەۋپسىزلىك ئەھدىنامىسى> (<ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بۇ ئاساسىي شەرتنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا: گېرمانىيە - بېلگىيە، گېرمانىيە - فرانسىيە چېگرىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ئۈچ تەرەپ كاپالەتلىك قىلىش، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> دىكى رېين رايونىنى ھەبىي ئىشلاردىن مۇستەسنا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمەگە ئەمەل قىلىش، بارلىق تالاش - تارتىشلارنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن؛ (3) گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىمزالىغان تۆت خىل مۇرەسسە كېلىشىمى ۋە شەرتنامە. بۇنىڭدا: گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان تالاش - تارتىشلارنى ئۆزئارا تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، ھەربىر گۇرۇپپا شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر دائىمي ھەيئەت تەسىس قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامىدە ئۇنىڭ مەقسىتى <ياۋرۇپانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى مۇستەھكەملەش> دەپ جاكارلانغان. ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيەنىڭ غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسىنى مۇستەھكەملەپ، گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىش نىشانىنى شەرققە بۇراشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1936 - يىل 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى رېين ھەربىي ئىشلاردىن خالى رايونغا قوشۇن كىرگۈزگەن ھەمدە 1939 - يىلى 4 - ئايدا <لۇگگارۇ ئەھدىنامىسى>نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، ئارقىدىنلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.