Uyghur←Chinese主要词典
لۇگالاندا
دۇنيا تارىخى
卢伽尔安达
lú gā ěr ān dá
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣⅩⅩ ئەسىر) قەدىمكى دەۋردىكى مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېر شەھەر دۆلىتى لاگاشنىڭ خانى (پادىشاھى). تەختتە ئولتۇرغان چاغلىرىدا مەملىكىتىنىڭ ھەممە جايلىرىغا نازارەتچى ۋە باجگىرلارنى ئەۋەتىپ، يېزا جامائەسى ئەزالىرىدىن ئېغىر باج ئالغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغانق. بۇتخانا - ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلارنىڭ مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان ھەمدە بەزى ئىبادەتخانىلارنى دۆلەتكە سېلىق تاپشۇرۇشقا زورلىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2378 يىل ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇكاگىنا ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزگەن.