Chinese→Uyghur主要词典
炉边谈话
دۇنيا تارىخى
تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتنىڭ بىر قانچە قېتىملىق رادىئو نۇتقى. 1940-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا تېخىچە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان روزۋېلت ئاق سارايدىكى ئۆيدىكى تام مەشنىڭ يېنىدا ئادەتتىكىدەك تەلەپپۇزدا پۈتۈن مەملىكەتكە بىر قانچە قېتىم رادىئو نۇتقى ئېلان قىلغان. نۇتۇقتا ئامېرىكىنىڭ <دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۈيۈك ھەربىي زاۋۇتى> بولۇشنى خالايدىغانىقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زور مىقداردا ھەربىي قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەپ، شۇ ئارقىلىق ھەم ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا خەلقىگە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللىشى كېرەكلىكى مۇراجىئەت قىلىنغان. كېيىن ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بۇنى < تام مەش يېنىدىكى سۆھبەت> دەپ ئاتىغان.