Chinese→Uyghur主要词典
卵子移植
بىئولوگىيە
تۇخۇم كۆچۈرۈش
<ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى كۆچۈرۈش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرۇرگىيە ئوپېراتسىيىسىدىن پايدىلىنىپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنى (ياكى ئەڭ دەسلەپكى تۆرەلمە - تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنى) ئاتا تېنىنىڭ كۆپىيىش يولىدىن چىقىرىۋېلىپ باشقا بىر چىشى تەنىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر چارۋىچىلىق ساھەسىدە، بەزىلەر نەسىللىك تۈرنىڭ تۆرەلمىسىنى ئادەتتىكى ئانا مال (ھايۋان) نىڭ تېنىگە كۆچۈرۈپ بوغازلاندۇرغان. تۇغۇلغاندىن كېيىنكىسى يەنىلا نەسىللىك ئىندىۋىد بولغان. ئادەم تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈش ھەققىدە، چە ت ئەللەردە <پروبېركا بوۋىقى> نى ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھەققىدىكى مەلۇماتلار خەۋەر قىلىندى، يەنى ئادەمنىڭ سپېرمىسى ۋە تۇخۇمىنى چىقىرىۋېلىپ بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇغاندىن كېيىن ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرگەندە تەرەققىي قىلىپ نورمال ھامىلىگە ئايلىنالىغان.