Chinese→Uyghur主要词典
卵
بىئولوگىيە
تۇخۇم
تۇخۇملۇق كۆپىيىش جەرياىدىكى ئانىلىق گامېتا. ئادەتتە شار شەكىللىك ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، سپېرمىدىن چوڭراق بولىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھەرىكەتلەنمەيدۇ. تۇخۇمدا ھۈجەيرە يادروسى بولۇشتىن باشقا، يەنە ستوپلازما ۋە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددا بولىدۇ. ئېنتومولوگىيىدە تۇخۇم يەنە ھاشاراتلارنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلار (پەرۋانە، كېپىنەك، پاشا، چىۋىن قاتارلىقلار) دا تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان تۇخۇم ئۇزۇقلانغان تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، تۇخۇمنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى زور بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئەڭ چوڭى قۇش تۇخۇمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇم سېرىقى، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئەتراپىدا تۇخۇم ئېقى، تۇخۇم پەردىسى، تۇخۇم شاكىلى قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ. تۇخۇم ئادەتتە ئانىلىقنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىن ھاسىل بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى تۇخۇمدان، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇخۇم ھاسىل قىلىش ئورگىنى تۇخۇم ساقلاش ئورگىنى ياكى تۇخۇم خالتىسى: مۇخ، پاپورتنىكلا ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى بويۇن تۇخۇم ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,تېببىي
luǎn
تۇخۇمDباغۋەنچىلىك
luǎn
تۇخۇم، ئۇرۇقDئورمانچىلىق
luǎn
تۇخۇم، ئۇرۇقDئۇنىۋېرسال
luǎn
تۇخۇم، ئۇرۇق
سۈزۈك، تۇخۇم ئېقىدەك
ئۇرۇقدان، تاشاق
تۇخۇمسىمان