Uyghur←Chinese主要词典
لىتۋىنوۋ
دۇنيا تارىخى
李维诺夫
lǐ wéi nuò fū
(1876 - 1951) سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى. خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1898 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1901 - يىلى قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى يىلى 11 نەپەر <ئىسكرا> چىلار بىلەن بىرگە تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. پارتىيىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بولشېۋىكلار تەرىپىدە تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئانتانتا دۆلەتلىرى سوتسىيالىستلىرىنىڭ لوندون قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، لېنىنىزملىق لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1921 - يىلى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. 1930 - 1939 - يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1941 - 1943 - يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى، قوشۇمچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1946 - 3194 - يىللىرى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ 17، 18 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ <سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1937 - 1947 - يىللىرىدىكى تاشقى سىياسىتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.