Uyghur←Chinese主要词典
لېتۋا كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
立陶宛大公国
lì táo wǎn dà gōng guó
لىتۋادا ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان فېئوداللىق دۆلەت. لىتۋادا Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅡⅩ ئەسىرگىچە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىندۋوگ (3012 - 1230 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە باشلاپ، تۇنجى لىتۋا كىنەزلىكىنى قۇرغان. ⅣⅩ ئەسىردە كىنەز گېدىن، (1316 - 1341 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىنەز ئولگېرد (1345 - 1377 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) لارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە كىنەزلىك قۇدرەت تاپقان، كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دىنپىر ۋادىسىنى قوشۇۋالغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەنە سىمولېنىسكى كىنەزلىكىنى قوشۇۋېلىپ، قۇدرەتلىك لىتۋا كىنەزلىكىنى قۇرغان. كىنەزلىكنىڭ پايتەختى ۋىلنۇس يىلى پولشا بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىشىپ، تيوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان ھەمدە بېلوروسىيە ۋە ئوكرائىناغا قاراپ كېڭەيگەن، كىنەز ۋىتوۋتو تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە (1392 - 1430) ھاكىمىيەت بىرلىككە كەلگەن. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا موسكۋا كىنەزلىكى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشۇپ، چىرىنگۋ، سىمولېنىسىكى قاتارلىق يەرلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. 1569 - يىلى پولشا بىلەن لۇبلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان پارلامېنتتا يېڭىدىن ئىتتىپاق شەرتنامسى تۈزگەن، بۇ تارىختا <لۇبلىن ئىتتىپاقى> دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككى مەملىكەت رەسمىي بىرلىشپ، پولشا - لىتۋا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، شەرقىي ياۋرۇپادىكى كۆپ مىللەتلىك چوڭ فېئودال دۆلەت بولۇپ قالغان.