Uyghur主要词典
لى تو
دۇنيا تارىخى
(1874 - 1925) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى (1907 - 1910). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى چۈنزۇڭ. گاۋزۇڭنىڭ 2 - ئوغلى، خانىكە مېنفېدىن تۇغۇلغان. پادىشاھ گاۋزۇڭ 1907 - يىلى گائاگاغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان. پادىشاھ نائىلاج تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، لىتو تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. يىل نامىنى لوڭشىغا ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى <كورىيە - ياپونىيە كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ياپونىيە چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. چاۋشيەن ئاتاقتا مۇستەقىل بولغان. 1910 - يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، لى جەمەتى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان، ياپونىيە چاۋشيەن خان جەمەتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، لىتونى ماسانورې مىياكانې خان دەپ ئاتىغان.