Uyghur←Chinese主要词典
لېساژ
دۇنيا تارىخى
勒萨日
lè sà rì
(1668 - 1747) فرانسىيلىك يازغۇچى ۋە دراماتورگ. برىتانىيەدە تۇغۇلغان. يېتىم بالا. ئىيېزۇئىتلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1692 - يىلى پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. ئادۋوكات ۋە باج ئىدارىسى خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كومېدىيە ۋە رومان يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لۇئى ⅣⅩ ۋە لۇئى ⅤⅩ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى فېئوداللىق تۈزۈم كۈندىن - كۈنگە يېمىرىلىۋاتقان، كاپىتالىستىك مۇناسىۋەت ئاستا - ئاستا شەكىللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، رېئالىزملىق ۋە ئاقارتىش ئەدەبىياتى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. فرانسىيەنىڭ ⅧⅩ ئەسىردىكى ئەدەبىياتىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا غەربىي ياۋرۇپادىكى رېئالىزملىق رومان ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن كومېدىيىدىن <دۇكارې>، روماندىن <جىر بولاس> قاتارلىقلار بار.