Uyghur主要词典
لىقىن لىكىن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇلار «بىلەن» مەنىسىدىكى قوشۇمچىلار بولۇپ، «ل _L » ھەرپى بەزىدە كەسرە، بەزىدە زەممە بىلەن كېلىدۇ. بۇ قوشۇمچە بەزىدە ئەرەپچىدىكى ۋاستىچى باغلىغۇچى مەنىسىدە كېلىدىغان «ب» ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن: « بىلىكلىگىن ئۇلۇغلۇققا تەگدىم _بىلىملىك بولۇش بىلەن ئۇلۇغلۇققا ئېرىشتىم»، « ئەزگۈلۈكۈن كەل ئېسىزلىكىن كەلمە _ ياخشىلىق بىلەن كەل، يامانلىق بىلەن كەلمە».
2 - 120