Uyghur←Chinese主要词典
لېپتىس ماگنا
دۇنيا تارىخى
列普蒂斯.玛格那
liè pǔ dì sī .mǎ gé nà
شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر. لىۋىيىنىڭ ترىپولىشەھىرىنىڭ شەرقىغە 100 كىلومېتر كېلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويىدا. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرى فىنىكىيىنىڭ سودا تۈگۈنى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. سېۋېرۇس تەختتىكى مەزگىل (193 - 211)دە تازا گۈللەنگەن. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ خارابلاشقان. 1921 - يىلى قېزىلغان. ياسالغان ۋاقتى ئېنىق بولغان قۇرۇلۇشلاردىن ئاۋگۇست ئىبادەتخانىسى (14 - 19)، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىبادەتخانا (مىلادىدىن ئىلگىرى - Ⅴ مىلادىدىن كېيىنكى Ⅱ)، بازار (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ)، تىياتىرخانا (مىلادىدىن بىرىنچى يىلى) قاتارلىقلار بار. Ⅰ ئەسىردىكى قۇرۇلۇشلار يۇنانلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇ يەرنىڭ ھاك تېشى ئىشلىتىلگەن. سېۋېرۇس كونا قۇرۇلۇشلارنى مەرمەر تاش تاختىلار بىلەن ياپقان ھەمدە يېڭى قۇرۇلۇش، يېڭى يوللارنى ياسىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇمىلاق سېرىك مەيدانى، كىچىك ئىبادەتخانا، كارىدورلۇق چوڭ يول، زەپەر دەرۋازىسى قاتارلىقلار بار. كىچىك سۇ ئۈزۈش مەيدانىدا تېخى قىممەتلىك سىزما رەسىم - <شىكار> ساقلىنىپ قالغان.