Uyghur←Chinese主要词典
لېپاس
بىئولوگىيە
茗荷儿
mínghéér
قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ ياماشقۇچى پۇتلۇقلار (سىررىپېدىيە) كەنجى تۈرىگە كىرىدۇ. يېتىلگەن تېنى باشسىمان قىسمى بىلەن ساپاق قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. چوڭ ئىندىۋىدلىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 - 50 مىللىمېتىر. باشسىمان قىسمىنىڭ يېنى ياپىلاق سىرتى قارامتۇل بىنەپشە رەڭ، ئارىلاش كۆكۈچ رەڭلىك، بەش پارچە كالتسىيلىق قاپچۇق پلاستىنكىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىر جۈپى دۈمبە پلاستىنكىسى، بىر جۈپى قالقان پلاستىنكىسىدىن ئىبارەت. ساپاق قىسمى گۆشلۈك، يالىڭاچ، قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك بولۇپ، ئۇزىراپ - قىسقىرالايدۇ. جەمئىي ئالتە جۈپ ياماشقۇچى پۇتى بولىدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى بىر تەنىدە (قوش جىنسلىق)، دېڭىزلاردىكى پېمزا (كۆپۈك تاش) ۋە بامبۇك ياغاچ قاتارلىق لەيلىمە جىسىملار ھەم كېمىلەرنىڭ ئاستىغا ساپاق قىسمى ئارقىلىق تەتۈرسىگە ئېسىلىپ، ياكى باشقا ھايۋانلارغا چاپلىشىپ ياشايدۇ، مەسىلەن، قىزىل بارراكۇدا بېلىقىنىڭ ژابراسىدا (ساقىقىدا) دائىم مۇشۇ خىل ھايۋانلار ئۇچرايدۇ. كېمە ئاستىغا زىچ توپلىشىۋالسا كېمە سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەمدە كېمە تېگىنى ئاسانلا مەينەتلەشتۈرۈپ زەخىملەندۈرىدۇ. مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈردىكى لىپاسنىڭ ئىلمىي نامى L. anatifera
ئۇنىۋېرسال
茗荷
míng hé