Uyghur主要词典
لوقمان ھەكىم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قەدىمىي ئەرەب رىۋايەتلىرىدىكى شەخس. ئۇنى بەزىلەر پەيلاسوپ دېسە، بەزىلەر ئۇنى قەدىمىي گرېتسىيىلىك ئىزوپ دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئەلچى، ياغاچچى، غەۋۋاس، ھەبەشسىتانلىق قۇل، ئەبراھامنىڭ جىيەنى دەيدۇ. ئەرەب ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئاللا ئۇنىڭغا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغان، لوقمان ھەكىم ئوغلىغا ئاللادىن باشقا ئىلاھقا ئىمان ئېيتماسلىق، نامازنى تەرك ئەتمەسلىك، كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا دەۋەت قىلىش، يامان ئىشلاردىن توسۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان.