Uyghur←Chinese主要词典
لوندون دېڭىز ئارمىيىسى يىغىنى
领域: دۇنيا تارىخى伦敦海军会议
lún dūn hǎi jūn huì yì
1930 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە لوندوندا ئۆتكۈزگەن دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەربىي تەييارلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش يىغىنى. 1929 - يىلى كاپىتالىزم دۇنياسىدا مىسلىسىز ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس پارتلاپ جاھانگىرلارنىڭ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان. <دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەربىي تەييارلىقلىرىن چەكلەش ۋە قىسقارتىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىسى> نى ماقۇللاپ، ئۇ 1922 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋاشىنگتون يىغىنىدىكى <بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرى كېلىشىمى> نىڭ تولۇقلىمىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيىنىڭ ئوكيان چارلاش پاراخوتى، قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي تونناژى بەلگىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تونناژىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيىنىڭ ئوخشاش سەۋىيىدە بولۇشىنى، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتلرىنىڭ تونناژىدا ۋاشىنگتون يىغىنىدا بەلگىلەنگەن چەكنى قوللىنىشنى، بۇنىڭدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەرنى 1936 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە 1930 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تەستىقنامىنى تاپشۇرغان. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىمىغان. شۇڭا شەرتنامە پەقەت ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىلا كۈچكە ئىگە بولغان. 1935 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر لوندوندا يىغىن چاقىرىپ، شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كېڭەشكەن. 1936 - يىل 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە <دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي تەييارلىقلارنى چەكلەش شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。