Uyghur←Chinese主要词典
لومونوسوۋ
خىمىيە,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
罗蒙诺索夫
luó méng nuò suǒ fū
دۇنيا تارىخى
罗蒙诺索夫
luó méng nuò suǒ fū
(1711 - 1765) روسىيىلىك ئالىم، پەيلاسوپ، تەبىئىي پەن ئالىمى ۋە شائىر. ئارخانگېلىسك ئوبلاستىدىكى بېلىقچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 10 يېشىدا ئاتىسى بىلەن بىللە دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتۇپ، تەبىئەتكە ئىنتىلىش كۈچلۈك ئارزۇسى قوزغالغان. 1730 - يىلى موسكۋادىكى سلاۋيان گرېك - لاتىن تىللىرى ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئۇقۇغان، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەۋەتىلگەن، كېيىن گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، كانچىلىق ۋە مېتاللورگىيە ئۆگەنگەن. 1741 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. 1745 - يىلى خىمىيە پروفېسسورى بولغان. كۆپ جەھەتتىن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى كەشىپ قىلغان ھەمدە نەزەرىيە ۋە تەجرىبە بىلەن دەلىللەپ بەرگەن. ئاتوم ۋە مولېكۇلا نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، ماددىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېچىپ بەرگەن. پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىنى ماتېرىيالىستىك ئۇسۇلدا ھەل قىلغان. سوزۇلۇشچانلىق، ئىنىېرتسىيىلىك كۈچ، ئۆتكۈزمەسلىك ۋە مېخانىك ھەرىكەتنى ماددىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى دەپ ھېسابلىغان. تاشقى دۇنيا بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. پەن بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغان. روسىيەنىڭ مەدەنىيەت، مائارىىپىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. 1755 - يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى بەرپا قىلغان. رۇس ئەدەبىي تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ، گرامماتىكا تۈزۈپ چىققان. ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، تارىخ ۋە جۇغراپىيىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ھاۋانىڭ ئېلاستىكىلىق كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىش>، <خىمىيىنىڭ رولى توغرىسىدا>، <ھەقىقىي فىزىكا، خىمىيە ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە>، يەر قاتلاملىرى توغرىسىدا<، رۇس تىلى گرامماتىكىسى>، <قەدىمكى زامان روسىيە تارىخى> ۋە مەدھىيە شېئىرى <خوتىننىڭ ئېلىنىشى> قاتارلىقلار بار.