Uyghur←Chinese主要词典
لويولا
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
罗耀拉·圣依纳爵
luó yào lā ·shèng yī nà jué
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
洛约拉
luò yuē lā
دۇنيا تارىخى
罗耀拉
luó yào lā
(1491 - 1556) كاتولىك دىنى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى. ئىسپانىيە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، كېيىن بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنپ، ھەربىي سەپتىن بوشانغان. 1528 - يىلى پارىژغا بېرىپ تېننولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1534 - يىلى پارىژدا بىر قىسىم شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش، كاتولىك چېركاۋىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، پاپانىڭ نوپوزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانىدى؛ 1540 - يىلى پاپا پاۋېل Ⅲ (1534 - 1549 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا (نامى <گېنېرال>) سايلانغان. ئىيېزۇئىتلارنىڭ ھەرىكەت ئەقىدىسى: پاپا ۋە چېركاۋنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاستىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت. 1622 - يىلى پاپا لويولانى ھۆرمەتلەپ <ئەۋلىيا> دەپ ئاتىغان. ئۇ <دىنىي مەشغۇلات> دېگەن بىر كىتابنى يازغان.