Uyghur主要词典
لۆمۈلدەش ھەرىكىتى
بىئولوگىيە
<پېرىستالىز> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەزىم قىلىش نەيچىلىرى ۋە سۈيدۈك توشۇش نەيچىلىرى قاتارلىق نەيچە - قاناللارنىڭ رەت بويىچە قىسقىراپ ئىچىدىكى ماددىلارنى سىلجىتىدىغان بىر خىل ھەرىكەت دولقۇنى بولۇپ، لۆم - لۆم قۇرتلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشىمىغاچقا لۆمۈلدەش ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان. ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە بولىدىغان بىر خىل ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىدە ئوزۇقلۇق كاللىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى قىزىلئۆڭگەچ قىسقىراپ ئوزۇقلۇق كاللىكىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى كېڭىيىدۇ، ئاندىن قىسقىراش دولقۇنىغا يېقىن جايدىكى تۆۋەنكى تەرەپ (ئەسلى كېڭەيگەن قىسمى) قىسقىراپ، ئوزۇقلۇق كاللىكىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى يەنە كېڭىيىدۇ، مۇشۇنداق ئۇدا تەكرارلىنىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق كاللىكىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئىلگىرلىتىدۇ. لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى ئاستا، ئىلگىرلىتىش ئارىلىقىمۇ قىسقا بولۇپ، مەلۇم ئارىلىققا يەتكەندىن كېيىن دەرھال يوقىلىدۇ. ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى دولقۇنى ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدىن يۆنىلىشىگە قاراپ بىر دولقۇن بېسىلماي تۇرۇپ يەنە بىر دولقۇن باشلىنىش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەيدە يەنە سۈرئىتى تېزرەك تارقىلىشى يىراقراق بولغان بىر خىل لۆمۈلدەش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ <شىددەتلىك لۆمۈلدەش> دېيىلىدۇ. ئوزۇقلۇق بوتقىسىنى (خىلۇسنى) ئىنچىكە ئۈچەينىڭ باشلىنىش ئۇچىدىن ئاخىرلىشىش ئۇچىغا بىراقلا يەتكۈزەلەيدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي ۋە چوڭ ئەچەيلەردە يەنە تەتۈر لۆمۈلدەش ھەرىكىتىمۇ پەيدا بولالايدۇ، ھەرىكەت شەكلى لۆمۈلدەش ھەرىكىتىگە ئوخشاش، لېكىن يۆنىلىشى ئەكسىچە بولىدۇ. تەتۈر لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئوزۇقلۇق بوتقىسىنى ئۈچەي ئىچىدە ئالدى - كەينىگە سىلجىتىپ ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.