Uyghur主要词典
لوبانوۋ روستوۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1824 - 1896) روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1895 - 1896)، گېرتسوگ. 1844 - يىلدىن باشلاپ دىپلوماتىيە ساھەسىگە كىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە -ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى تۇرغان. ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، يىراق شەرققە كېڭىيىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ۋە چاۋشيەننى پائال تالاشقان. 1895 - يىلى 4 - 5 - ئايلاردا فرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ياپونىيىنى <سىمونوسېكى شەرتنامىسى>دا قولغا كەلتۈرگەن لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبور بولغان. ئىككىچنى يىلى 6 - ئايدا ياپونىيە بىلەن چاۋشيەنگە ئورتاق ھامىيلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان؛ شۇ ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتىتىگە تەھدىت سېلىپ موسكۋادا <جۇڭگو - روسىيە مۇداپىئە ئىتتىپاقى شەرتنامىسى> يەنى <جۇڭگو - روسىيە مەخپىي شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، جۇڭگو شەرق تۆمۈر يولىنى ياساش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۋالغان.