Uyghur←Chinese主要词典
لېنا پاجىئەسى
دۇنيا تارىخى
连那惨案
lián nà cǎn àn
چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ سىبىرىيىدىكى لېنا كان ئىشچىلىرىنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى. لېنا ئالتۇن كېنى 1908 - يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن روسىيە كاپىتالىستىلىرى بىرلىكتە سەرمايە قوشۇپ باشقۇرغان ھەمدە چار پادىشاھ ۋەزىرلىرى، خان جەمەتى پاي قوشقان، يىلىغا ئىشچىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۈندۈرۋالىدىغان پايدىسى 7 مىليون سومدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1912 - يىلى 3 - ئاينىڭ (روسىيە كالېندارى بويىچە) ئوتتۇرلىرى بۇ كاندىكى ئىشچىلار بولشېۋىكلار پارتىيىىسنى يادرو قىلغان ئىش تاشلاش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش تاشلىغان. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا قاتناشقۇچىلار 5000 كىشىگە يەتكەن. ئىشچىلار سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇپ بېرىش، جەرىمانە ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىش تاشلىغۇچىلارنىڭ بىر تۈركۈم يولباشچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. 17 - كۈنى تەخمىنەن 3000 دەك ئىشچى نامايىش قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇلۇپ، 270 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرلگەن، 250 كىشى يارىدار بولغان. بۇ پاجىئە مەملىكەتتىكى 300 مىڭدىن كۆپرەك ئىشچىنىڭ ئىش تاشلاپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى قوزغاپ، 1912 - 1914 - يىللاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان