Uyghur主要词典
لىكېئۇم
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناندا ئارىستوتىل قۇرۇپ چىققان بىلىم يۇرتى. ئافىنا شەھىرىنىڭ شەرقىي - شىمال رايونىغا جايلاشقان. ئەسلىدە ئافىنا ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ تەڭرى ئاپوللود لىكېئۇسقا نەزىر - چىراغ قىلىدىغان جايى، شۇنداقلا تەنتەربىيە مەيدانى ئىدى. تەخمىنەن مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى ئارىستوتىل بۇ يەردە پەلسەپە مەكتىپى ئېچىپ، شاگىرت قوبۇل قىلغان. ئارىستوتىل دائىم شاگىرتلىرىنى باشلاپ دەرەخلىك يولدا مېڭىپ ئاستا دەرس ئۆتكەن، شۇڭا، بۇ ئىلمىي ئېقىم پېرىپاتې (ئاستا مېڭىش دېگەن مەنىدە) ياڭكى ئەركىن يۈرگۈچىلەر ئىلمىي ئېقىمى دەپ ئاتالغان. ئارىستوتىل ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان. پلاتون ئاچقان ئاكادېمىيە (بىلىم يۇرتى) بىلەن بىللە، قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 529 - يىلىغا كەلگەندە شەرقىي ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى تەرىپىدىن پېچەتلەپ تاشلانغان.