Uyghur主要词典
لېكىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى، قوشما جۈملىدە ئاددىي جۈملىلەرنى باغلايدۇ، بۇ باغلىغۇچىلار بىلەن كەلگەندە بۇ جۈملە ئالدىنقىسىغا قارشى كېلىدۇ ياكى باشقىچەرەك بولىدۇ.
ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما خەلق ياشايدۇ. بۆرە كۈل رەڭ تۈسكە كىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئاق كۆڭۈل بولالمايدۇ. نان كۆپەيدى، ئابروي كېمەيدى، بىراق يوقىچىلىق خارلىقتىن كۆرە ياخشىراق. جاندىن كېچىش ئاسان ۋە لېكىن جان دوستتىن كەچمەكلىك قىيىن. كۈچ - قۇۋەتتىن قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئىشتىن توختىمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
ئەرەبچە
مەنە جەھەتتىن بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى جۈملىنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ ئىككىسى كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاغزىدا بۇ سۆزلەرنى ئېيتالمىدى.
مەنىسى بىر - بىرىگە زىت بولسىمۇ، ئەمما بىر - بىرىنى رەت قىلمايدىغان ئىككى جۈملىنى باغلايدۇ.
بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق. لېكىن سەل سوغۇق.
ئابزاستا ئەكسىچە پىكىر بايان قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئىككىنچى ئابزاسنىڭ بېشىدا كېلىپ، بۇ ئىككى ئابزاسنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ.
...لېكىن خىزمىتىمىزدە بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى.