Uyghur主要词典
لى جىن
دۇنيا تارىخى
(1694 - 1776) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1724 - 1776). مۇبارەك نامى يىڭ زۇ. سوزوڭنىڭ 2 - ئوغلى. 1699 - يىلى يەنچى بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئانا باشقا ئاكىسى جىڭزۇڭنڭ تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 1721 - يىلى خان ئىنى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ خان ئىنى بولغان مەزگىلدە پادىشاھقا ۋاكالىتەن دۆلەت ئشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاقساقاللار گورۇھىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، كەنجى ئاقساقاللار گورۇھىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇ تەختكە چىققان دەسلەپكى چاغلاردا كەنجى ئاقساقاللار گورۇھىدىن بولغان لوخۇلوڭ، جىن يىجىن ماجىراسىنى قوزغاپ، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەرگەن. كېيىنچە ئۇ، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاقساقاللار گۇرۇھى بىلەن كەنجى ئاقساقاللار گۇرۇھىدىن تەڭ پايدىلىنىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكەن. ئەمما بۇ خىل زىددىيەت ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1728 - يىلى يەنىلا لى لىنزۇ قاتارلىق كىشلەرنىڭ توپىلىڭى يۈز بەرگەن. ئۇ، باج - سېلىقنى تەڭشەش قانۇنى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. <شەرق دۆلىتىنىڭ يازما ھۆججىتىگە ئىزاھات>، <بەش ئەدەب قائىدىنىڭ داۋامى> ۋە <قامۇسنىڭ داۋامى> قاتارلىقلارنى نەشىر قىلدۇرغان.