Chinese→Uyghur主要词典
李子
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۆكسۇلتان
بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، شاخچىلىرى
تۈكسىز، سارغۇچ قىزىل رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇچى قىسقا، كەينى
ئىنچىكە، ئاساسىي قىسمى شىنا شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشى شەكىللىك، كۆچەت ۋاقتىدا چىشلىرى ئۇچىدا تۈگۈرچەك بولىدۇ؛ گۈلى ئاق
رەڭلىك، ئۇچى بىر توپ بولۇپ ئۆسىدۇ، گۈل چىنىسى كانايسىمان، گۈل چىنىسى، يوپۇرماقچىسى ۋە گۈل بەرگى ھەممىسى بەشتىن، گۈل بەرگى
سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان؛ مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، بويىغا چوڭقۇر ئىز بار بولۇپ، سېرىق، يېشىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن
رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ ئۈچكىسىدە ئۇششاق قورۇقلار بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە دەرەخ يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى تازا پىشقاندا، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە يېلىمىنى كەچ ياز ۋە كۈز
پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى پەسەيتىش، قەينى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆكسۇلتان مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۇكسۇلتان يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
كۆكسۇلتان يېلىمىنى چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچنى كۆپەيتىپ، پارقىرىتىدۇ.
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
lǐ zi
ئالۇچا
例句
我喜欢吃酸甜的李子。
翻译: مەن شىرىن-ئىيىقلىق ئۈزۈمنى ياخشى كۆرىمەن.
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىlǐ zi
ئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
ئالۇچا
(1) بارماق ھەرپى <ئا>، <ل> نى كۆرسىتىدۇ. (2) بىر باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرى بىلەن چوڭ - كىچىكىلىكى ئالۇچىغا ئوخشاش دۈگلەك ھاسىل قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个中文–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。